• ئىلقۇت-ئۆزتىل ئەدەبىياتى بلوگى ئىلقۇت بلوگى قارمىقىدىكى بلوگ بۇلۇپ، مەخسۇس ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى نادىر ئەدىبىي ئەسەرلەرنى رەتلەش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. مەزكۇر بلوگقا يوللانغان ئەسەرلەر ئاساسەن توردىن رەتلەنگەن شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر مەزكۇر بلوگقا سىزنىڭ ئەسىرىڭىز يوللانغان بولۇپ سىز بۇ بلوگقا ئەسىرىڭىزنىڭ يوللىنىشىنى خالىمىسىڭىز ياكى ئەسىرىم روخسەتسىز يوللىنىپتۇ دەپ قارىسىڭىز دەرھال ئالاقىلىشىڭ، بىز سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ 24 سائەت ئىچىدە  مەزكۇر بلوگدىن چىقىرىۋېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

    مەزكۇر بلوگ ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيدىغان بىر قسىم ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى ئاز-تۇلا ئەدەبىي ئەسەر بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىغان ئاساستا قۇرۇلغان. مەزكۇر بلوگقا ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپىڭىز بولسا دەرھال ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

    ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

    MSN: pengiyar@hotmail.com

    Gmail: pengiyar@gmail.com

    ئالاقىلاشقۇچى: پەنگىيار

    Tag:بلوگ
  • تىل ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ يەنە ئوز نۆۋىتىدە بىر مىللەتنىڭ ئويلاش، پىكىر قىلىش، تەبىئەت بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە سىنتېزلاش شەكلى، شۇنداقلا شۇ مىللەت ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ كىرىستالى. دېمەك، تىل بىر مىللەتنىڭ ئاڭ فورمىسى. ئايتماتوف رۇس تىلىدا ئەسەر يازىدىغان قىرغىز ئەدىب سۈپىتىدە رۇس مەدەنىيىتىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ ئۆزىدە تىپىك نامايان قىلدى. ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدۇ، لېكىن بېكىتىپ بېرىلمەيدۇ. مەلۇمكى، مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ ئەسەرنى ياراتقان خەلقنىڭ دۇنياۋى ئورنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بىر مىللەتنىڭ دۇنياۋى ئورنى شۇ مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى بېكىتىدۇ.

  • جالالىدىن بەھرام 1979-يىلى«يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كەڭ ئاممىغا تونۇلدى. ئۇ شۇندىن ئېتىبارەن «ھارۋېكەش»، «يېتىمە»، «بەش يۇز يۈئەنلىك چاقچاق»، «ئايگۈزەل»، «تويدا»، «مېنىڭ ئوقۇتقۇچىم»، »ئانا مېھرى»، «ئېقىندىكى ياپراق»، «ئاخىرقى تىنىقتا»....... قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايە، «قاباھەتلىك چۈش»، «ئادەم پارچىسى»، «قامغاق »، «تەنھا يۇرەكلەر»، «قۇددرەتلىك ئىلاھ»، «دانۇر تاغا»...... قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە «مېھرىگىياھ»، «ناتىۋانلار»، «كۆمۇر ساتقۇچى بالا» ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلغان.....

  • مۆجىزى “مۇقام” دەپ ئاتىۋاتقان بۇ يەككە نەغمىنى ھازىرقى يۈرۈشلەشتۈرگەن مۇقاملاردا باشلىنىش مۇزىكىسى دېيىلىدىغان چاچما ئۇدارلىق(داپ چېلىنمايدىغان) نەغمە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، “مۇقام” سۆزى ھازىرمۇ ئەل ئىچىدە چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى مەنىسىدە قىللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قۇمۇل مەشرەپلىرىنىڭ يالغۇز غىجەك بىلەن ئورۇنلىنىدىغان چاچما ئۇدارلىق باشلىنىش مۇزىكىسى ئادەتتە “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ دولان مۇقاملىرىدىمۇ باشلىنىش مۇزىكىسى “مۇقام” دەپلا ئاتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مۆجىزى “مۇقام” سۆزىنى ھامان “ناخشا”، “ئاھاڭ” سۆزلىرى بىلەن قاتار قويىدۇ، مەسىلەن، مۇھەممەت كۈچتىنگىر ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ “بىھەد ۋە بىئەدەد غەزەل، مۇقاملار، ئاھاڭلار ئىجات قىلغان”لىقىنى يازىدۇ. مانا بۇنىڭدىن ئۇنىڭ “مۇقام” سۆزىنى باشقا نەغمىلەردىن پەرقلىق بولغان بىر نەغمە مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

  • مۆجىزى قىدىرخان يەركەندىنىڭ نادىر مۇزىكا ئالىمى، تەڭداشسىز ناخشىچى ۋە ئۇستا شائىر ئىكەنلىگىنى، راۋاپ بىلەن خۇشتارنى كەشپ قىلغانلىغىنى، <ۋىسال> ناملىق بىر مۇقامنى ئىجات قىلغانلىغىنى، مۇزىكا ئىلمى توغرىسىدا كۆپلىگەن مېغىزلىق ماقالىلارنى يازغانلىغىنى، <دىۋانى قىدىر> ناملىق شېئىرلار توپلىمى چىقارغانلىغىنى، يەركەن خانلىغىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر پادىشاسى سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ كېچە-كۈندۈز ئايرىلمايدىغان ئەڭ يېقىن كىشىسى بولۇپ ئۆتكەنلىگىنى ۋە ئىران، ئىراق، تەبرىز، خارازىم، سەمەرقەند، ئەنجان، ئىسلامبۇل (ئىستامبۇل)، كەشمىر، بەلىخ، شىراز قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن شاگىرتلىرى بولۇپ، ئۇلارغا مۇزىكا ئىلمىدىن دەرس بەرگەنلىگىنى يازىدۇ. لۇتفى ئۈستىدە توختالغىنىدا ئۇ ‘ئالىملىقتا ھەزرەتى ئەبۇ نەسىر فارابىدېك، ھەكىملىقدا ھەزەتى ئىبنى سىنادېك، شائىرلىقتا ھەزرەتى ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايىدېك، مۇغەنىلىقدا تەخى قىدىرخاندېك ئىردىلەر” دەپ قىدىرخاننى شۇ زاماننىڭ ئەڭ كاتتا ئالىملىرى قاتارىغا قويىدۇ. بىز مۆجىزىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن 16-ئەسىردە ئۆتكەن بۇ ئۇيغۇر ئالىمى ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز. بۇ يەنە يەركەن خانلىغىنىڭ پايتەختى يەركەن شەھرىنىڭ شۇ دەۋرلەردە پۈتۈن شەرق ئەللىرىنىڭ بىر مۇزىكا ئۆگۈنۈش يۇرتى بولغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  • مۆجىزى فىساغۇرس (پىپاگور) ئۈستىدە توختالغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ''ئۆزەڭنى تۈزلىمەي تۇرۇپ كىشىگە نەسىھەت قىلما؛ ئەيىبىڭنى ساڭا كۆرسەتكەن كىشىنى دوست بىلىپ ئەزىز تۇت؛ چىرايلىق لىباس كىيىپ يۈرگۈچە چىرايلىق سۆز قىلىپ يۈرۈشنى ئۆرگەنگىل؛ ياخشى سۆزنى ئەيتۇرغە قۇدرەتىڭ بولماسا، ياخشى سۆزنى ئېيتقۇچىدىن ئۆرگەنگىل؛ ئىلىم ئۆرگېنىشدىن نومۇس قىلما، ئىلىمسىزلىكتىن نومۇس قىل'' دېگەن ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كەلتۈرىدۇ. فارابى ئۈستىدە توختالغىنىدا بولسا، ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن ئۇنىڭ '' يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ ئالالمىغان فەيزنى مېنىڭ قانۇنۇمنىڭ (قالۇنۇمنىڭ) سىملىرىدىن ئاڭلىغايسىزلەر'' دېگەن سۆزنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر ئەمىلىيەتتە مۆجىزىنىڭ ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى ئەينى زاماندىكى نادانلىق، تەركى دۇنيالىق ۋە قۇللۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى جاھىل كۈچلەرگە قارىتىپ ئېتىلغان ئوق، خەلق ئاممىسىغا بېرىلگەن سەمىمى مەسلىھەت سۈپىتىدە قوللانغان.

  • ئىككىلىنىپ قالدىم ، ئەزەلدىن قىزلارنىڭ ھاراق ئىچىشىنى ياقتۇرمايتتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندەك خوتەن دىيارىدا تۇغۇلۇپ ، ئۆسكەن بىر قىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ئېغىرئىش ئىدى . <<ئىچەيمۇ -ئىچمەيمۇ >>دىگەن تاللاش -رەت قىلىش ئوتتۇرسىدا كاللامدا نۇرغۇن جىدەللار بولغاندىن كىيىن ، بىردىنلا ئەكبەرنىڭ غالىپلارچە چىرايى ، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان <<سىز بىلەن پەقەت ئۇيۇن ئۈچۈنلا ئارلاشقان ئىدىم >>دىگەن سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراشقا باشلىدى . مەن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنلا بۇ <<ئاشپەز >> بىلەن ئارلاشقان، ئەمدى شۇنىڭدىن يەنە ئۆچ ئېلىش ، قەلبىمدىكى ساقايماس يارىنى ، ئازابلىرىمنى بىردەملىك بولسىمۇ ئۇنتۇش ئۈچۈن رومكىنى قۇلۇمغا ئېلىپ كۆتىرۋەتتىم . باشتا ھاراقنىڭ بەتبۇي پۇرىقى گېلىمنى ئېچىشتۇرۇپ ، ئازراق سەسكەندۈرگەن بولسا كىيىن ناھايىتى سىلىقلا ئۈتۈپ كەتتى .

  • ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ھەممەيلەن چاۋاك چىلىشتى . ماۋۇ كەم ئەقىللىقلىقىمنى ، ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم نىمىسى ؟ شۇ تاپتا قاتتىق ھاياجاندا نىمە قىلشىمنى ، نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم ، لەۋلىرىم خۇشاللىقتىن بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەيتتى. ئەكبەرنىڭ شەخسەن مىنى رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن نەچچە ئىغىز كۆڭۈل سۆزۈمنى ئىيتىپ ، ئاندىن ئەكبەرنىڭ "شامنى پۈۋلەڭ!" دىگەن سۆزىدىن كىيىن شامنى پۈۋلىدىم . ئاندىن بىرگە ئولتۇرۇپ شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتۇق ، بايىقى تارتىنىش ، يىتىمسىراش ھىسىياتى ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەنىدى . بۈگۈن ئەكبەردىن شۇنداق خۇش بولغانىدىم، قايتىدىغان چاغدا ئۇ ماڭا بۇرۇنلا ماڭا ئاتاپ ئېلىپ قويغان سوۋغاتلارنى بەردى . ئىشقىلىپ ، بۈگۈنكى خۇشاللىق كەيپىياتىمغا ، ھاياجانلىق ھىسىياتىمغا ھىچنىمە توغرا كەلمەيتتى . ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ، ھۈرمىتىم ، چۈشەنچەم ... بىراقلا نەچچە بالداق ئاشقانىدى ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ، ئۇنىڭسىز ھىچبىر كۈنۈم ئۆتمەيدىغانلىقى تىخىمۇ ئايدىڭلىشىۋاتاتتى ...

  • ئۇنىڭغا قانداق بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىپ ، ئاددىيلا خوشلىشىپ ئۆز يۇلۇمغا يۈرۈپ كەتتىم . ئىچىمدە بايىقى ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزەمچە كۈلۈپ كىتەتتىم . مەكتەپتىن چىقىپ ئۇدۇل كۆچمە خەۋەرلىشىش زالىغا بېرىپ ئەكبەرنىڭ تېلفۇنىغا 50يۈەن تۇلۇقلىۋاتقاندىن كىيىن ، تېلفۇن نۇمۇرىنى باستىم ، ئەمدى ئاڭلىغىنىم قارغىش تەككۈر ، يېقىمسىز <<سىز ئۇرغان ئابۇنت تېلفۇنىنى ئىتىۋەتكەن >>دىگەن ئاۋاز بولدى ، ئاچچىقىم كىلىپ جىلە بۇلۇپ كەتتىم . ئۇنىڭدىن كىين مەكتەپ يېنىدىكى تورخانىغا كىرىپ تورغا چىقىپ مۇنبەرلەردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم . ئۇزۇندىن بۇيان مۇنبەر مىنى جەلپ قىلىۋالغان ، بىرەر ياخشى ئەسەر بولسا ئوقۇپ ئىچىگە كىرىپ كەتسەم ، ۋاقىتنىڭ بۇنچىلا تېز ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە توردىكى مەن ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئاپتۇرلار ھەرقېتىم تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام داۋامى بار ، دەپ يېزىپ كەيپىمنى ئۇچۇراتتى ، شۇنىڭ داۋامىنى ئوقۇيمەن دەپ نەچچە كۈنگىچە تور ئارلايتتىم . بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى ، بىر چاغدا تېلفۇنۇمنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان بولسام ئاللىقاچان كەچ بۇلۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قالاتتىكەنمەن . تېلفۇننى سەبىنە ئۇرغان ئىدى .

  • يۈگۈرگەندەك قىلىپ تورخانىنىڭ تازلىق ئۈيىگە كىردىم، قۇلۇمدا تاماكا... كۆزلىرىمدىن تۈكۈلىۋاتقان ياش... خۇددى قۇلىدىكىنىڭ زەھەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىچىشكە مەجبۇر بولغان كىشىدەك... ئىشخانىنىڭ ياتىقىدا ياتىمەن... قۇلۇمدا تىلفۇن... كۆزلىرىمدىن توختىماي تۈكىلىۋاتقان ياش... ئەنزەرنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭغا توختىماي ئۇچۇر يوللاۋاتىمەن،،، كاللامدا پەقەت بىرلا خىيال «ئەمدى ئاق چەكمەيمەن» ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا توغرا كەلمىدى، ئەتىسى كەچكىچە چىدىيالمىدىم...

  • بارغانسىرى ئۆز_ئۈزۈمدىن خۇدۇكسىرەشكە باشلىدىم ... خۇددى ئەتراپىمدىكى ھەممە كىشى ماڭىلا قاراۋاتقاندەك... سائەتكە قارىسام ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىت بۇلۇپ قاپتۇ... بۈگۈن بىر كۈننىڭ ئۆتمىكى شۇنچە تەس كەلدىغۇ زادى... شۇنداق قىلىپ ئىشخانىغا قايتىپ كەلدىم، فېي فېي خۇددى مىنى نەچچە ئاي كۆرمىگەندەك قۇچاكلاپ كۈرۈشۈپ كەتتى، مەندىن بەك ئەنسىرىگەنلىكىنى، جىڭلىنىڭمۇ مەندىن بەك ئەنسىرىگەنلىكىنى، ئەگەر قۇشۇلسام ئىمتاھان تۈگۈگۈچە ئىشقا كەلمەي تۇرۇشۇمنى كېچىلىكى ئىشىمغا باشقىلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى لىكىن مائاشنى يەنىلا بېرىۋىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى... ئىشخانىدىكىلەر راسلا ياخشى، بۇرۇن مۇشۇ خەق بىلەن تازا خوشۇم يوقتى... ھازىرمىغۇ شۇ... لىكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئاجايىپ كۆڭلى ياخشى، بىلىشى بار خەقلەر باركەن...

  • قانچىلىك يىغلاپ ئولتۇردۇم، ئاسىيە__ئۇ ئالۋاستى نىمىلەرنى دەپ چىقىپ كەتتى، فېي فېي نەچچە كىرىپ ماڭا نىمە دىدى بىلمىدىم، ھەراسىت ئۇ ئالۋاستى ماڭا «ئەمدى تاماق لازىم بولسا ھەر كۈنى يەتتىدە ئۇدۇل كوچىدىكى مەكتەپ يېنىدا ساقلايمەن، ئىسىڭدە بولسۇن، مىنۇت كىيىن قالمىسۇن .» دىدى ... قۇرۇپ كەتسۇن مىنۇتلىرىى... سائەتلەپ ساقلا ... سىنى يەنە كۈرەرگە كۆزۈم يوق !... ... كۆڭلۈمدە شۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنىلا شۇنداق قورقىۋاتاتتىم... يۈرۈكۈمگە ئاجايىپ بىر خىل قورقۇنۇش كىرىۋالغان، خۇددى ناھايىتى تىرناقلىرى ئۇزۇن بۇ قول ئاشۇ تىرناقلىرى بىلەن يۈرىكىمنى تاتلاۋاتقاندەك ئىدى ... ئەنزەرگە تىلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى ئېيتماقچى، ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولدۇم...

  • ئالاھەزەل بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىنكى بىر كۈنى، ئىشخانىغا كەلسەم فېي فېي«دوستۇڭ ئىزلەپ كەپتىكەن، تاماق ئەكەپتۇ.» دىمەسمۇ، ھەيران بۇلۇپ قارىسام ئۈستۈلۈمنىڭ ئۈستىدە تاماق قاچىسى تۇرۇپتۇ، ئىتتىك بېرىپ ئاغزىنى ئاچتىم، نىمە دەي! تېخى ھورى كەتمىگەن پولو! پولونى كۈرۈپ دىماقلىرىم، بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئېچىشقاندەك بولدى، دىمىسىمۇ خىزمەت تاپتىم دىگەندىن بىرى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا بېرىشقا، دوسلىرىم بىلەن بىردەن_يېرىمدەم ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاچ تاماق يىيىشكە ۋاقتىم چىقمايۋاتاتتى، تېخى چۈشتىلا مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئولتۇرۇپ دوستۇمغا «ئەجەپ پولو يىگۇم كەلدى... ۋاقتىم بولسىمىغۇ...» دىگەنىدىم ...

  • نىمىشقا بۇ ئىشلارنى، قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدىغان ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن... بەلكىم بىھۇدە ساددىلىق ۋە بىخۇدلۇقتىن كىلىپ چىققان پاجىئەرىمنىڭ باشقىلارغا ئىبرەت بۇلۇپ قېلىشىنى، بەلكىم كۆز ياش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاشۇ كۈنلەرنى ئەستىلىك قىلىپ قۇيۇشنى ۋە بەلكىم ئاشۇ قارا كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشىمغا ياردەم قۇلىنى سۇنغان پەرىشتە سۈپەت كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىشنى ئويلىغاندىمەن ... مەيلى نىمىلا بولمىسۇن، قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم ...

    ئالىي مەكتەپنىڭ 3_يىللىقىغا يېڭىلا قەدەم باسقان ۋاقتىم... كۈنلىرىم دەرىس ۋە دەرىستىن سىرتقى خىزمىتىم بىلەن ئالدىراشلا ئۈتەتتى،  كىچىكىمدىن كىتاپ ئۇقۇشقا ئامراق ئىدىم، كىتاپلاردىكى قەھرىمانلارغا، باش پىرسۇناژلارغا چۇقۇناتتىم، مەيلى ئۆگىنىش ياكى تۇرمۇشتا ئۈزۈمگە تەلەپنى قاتتىق قۇياتتىم،  ئۈزۈمنى ئەتراپىمدىكىلەردىن غەيرەتلىك، تىرىشچان سىزەتتىم، شۇڭا ئۇقۇۋاتقىنىمغا قارىماي خىزمەت قىلدىم. ئەمما ئويلىماپتىمەن، ئاشۇ سەۋەپ بىلەن نەچچە ئايدا نەچچە يىللىق ھايات كەچۈرمىشلىرىنى باشتىن كەچۈرىشىمنى... ...

  • ئىككى كۈندىن كېيىن سىيىت قارى زۆھرەنى باشلاپ ناھىيىگە كىرىپ توي خېتى ئالدى، بىر ھەپتە تەييارلىقتىن كېيىن ئىككى ئۆيدە بىرلا ۋاقىتتا توي بولدى. مەھەللىدىكىلەر، يىراق-يېقىندىكى ئۇرۇغ-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلەر توي ئېشىغا ئېغىز تېگىشىپ، غەيۋەت-شىكايەتكە كۆمۈلۈپ كەتكەن كېلىنچەككە بەخت تىلەشتى. زۆھرە ئۆزىنىڭ بىر قۇر ئېسىل كىيىمى بىلەنلا زىننەتلىنىپ ئولتۇردى، ئالىپتە گىرىم قىلىپمۇ كەتمىدى؛ ئالماس ئۈزۈكنى تىقىۋېتىپ، سىيىت قارى بېيجىڭدا ئېلىپ بەرگەن ئۈزۈكنى تاقىدى، ئۆيىدە ئېلېكترونلۇق رىيال بىلەن ئاز-تولا نەغمە ناۋا قىلىنغان بولدى، توي خاتىرىسى سۈرەتكە ئېلىندى، سانتانا بىلەن قىز كۆچۈرۈلدى. ئىشقىلىپ، چىرايلىق بىر توي بولدى، تويلۇق ئېلىنىپ بولغاچقا، مەھەللىدىكىلەرمۇ سىيىت قارىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، توينىڭ قائىدىسىنى قىلغاچقا چىقىم ئانچە ئېشىپ كەتمىدى. تويغا كەلگەن تاھىر قارى سىيىت قارىنى ئايرىم چاقىرىپ، ئۆتكەندە بەرگەن بىر تۈمەن قەرزنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈۋەتتى.

  • زۆھرە ناھىيە بازىرىغا چۈشۈپ، كىراكەشنىڭ ئەرزان باھالىق ماشىنىسىغا چىقىپ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، چامادانلىرىنى دەرۋازا ئالدىغا تاشلاپ قويۇپلا ھويلىغا ئالدىراپ كىرىپ كەلدى، دادىسى ئانىسى بىلەن بىللە ھويلىدىكى كارىۋاتتا چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى، زۆھرە يۈرىكىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى، خۇداغا مىڭ قېتىملاپ شۈكۈر ئېيتتى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككەيلەنگە زوقلىنىپ قارىدى، كۆز ئالدى يورۇپ كەتتى. ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ھەيران ھەم خۇشال بولۇپ ئالدىغا كەلدى، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تۆكۈلدى. ئانا-بالا قۇچاقلىشىپ يىغلاشتى. زۆھرە دادىسىغا قارىدى، كارىۋاتتىن چۈشۈپ كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان دادىسى شۇنچىلىك سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كەتتىكى، بېرىپ قوللىرىغا ئېسىلىپ « ۋاقتىدا كېلەلمىدىم دادا، ئەھۋالىڭىزنى سوراپ بولالمىدىم، مېنى كەچۈرۈڭ» دېدى، تاماكا پۇراپ تۇرىدىغان دادىسى«ھېچقىسى يوق قىزىم، ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپىدۇ دەيدۇ، كەلگىنىڭ ياخشى بولدى» دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى.

  • زۆھرە ئاچچىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ ئەلچىخانا دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى، قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغان بۇ خوتۇن قانداق پەيدا بولدى؟ كۆزلىرىدىن زەھەر ياغىدىغان بۇ خوتۇن زۆھرەنى بۇ يەردىكى بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن ئايرىۋەتمىگىچە توختىمايدۇ، ھۈسەيىن ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى شەرتسىز ئورۇندايدۇ، بۇ خوتۇننىڭ تەكەببۇرلۇقى، غالىبلىقى، خۇرسەنلىكى ئۆزى بىلەن قالىدۇ، ھۈسەيىننىڭ ھەسرىتىمۇ ئۆزى بىلەن قالىدۇ. كونىراپ كەتكەن ھەسرەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ھەسرەت دېگەن كۈچكە ئايلىنالمىسا بىكار. رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا مۇھەببەت ۋاقىتلىق ئويۇنغا، مەسخىرىگە ئايلىنىدۇ. ھۈسەيىن خوتۇنى بىلەن تەڭلا زۆھرەگە دۈشمەنلىك قىلدى، ئۇنى رەسۋا قىلدى؛ ئۇلار بىر مىللەت ئىدى، بالىلىرى بار ئەر-خوتۇن ئىدى، ئۇرۇشسىمۇ يارىشىپ تۇراتتى، بىر-بىرلىرىگە مەسئۇل ئىدى، بىللە ئۇخلايتتى، ئۇخلاۋاتقاندىمۇ بىر-بىرلىرىنى كۆزىتىپ تۇراتتى، بىر-بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى، ئۈچىنچى شەخسنى ئارىسىغا ھەرگىز سىغدۇرمايتتى.

  • زۆھرە ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە شەھەر مەنزىرىسىگە، ئادەملەرگە قاراپ خىيال سۈرەتتى، سىيىت قارىنى ئويلاپ بىئارام بولسا باشقا نەرسىلەرنى ئويلايتتى «مۇشۇ ئادەملەر زادى بەختلىكمىدۇ؟ قارىسا ھەممىسى ھارغىن چىراي، ئالدىراشلا يۈرگەن، چېپىپ كېتىۋاتقان ئېسىل ماشىنىلار، سالاپەتلىك لاۋبەنلەر، چەتئەللىكلەر، ياپونلۇق ياكى كورىيەلىكنى دوراپ كىيىنىۋالغان قىرقىما چاچ قىزلار، غىتمەك ئوغۇللار، قاسماق ئىشلەمچىلەر ئۆز راھەتلىرىگە يېتشىنىلا كۆزلەپ مىدىرلاپ، شەھەرنى ئاۋات قىلىدۇ. ئەجەبا شۇنچە شاۋقۇن-سۈرەنلەر، بېكەتلەردە توختىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ قۇلاق پەردىسىنى تېشىۋەتكۈدەك سەت ئاۋازلىرى شۇنچە يېقىملىقمۇ؟ مەھەللىدىكى جىمجىتلىق ۋە ئېرىقلاردىكى سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى، باغلاردىكى قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى زۆھرە ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ مىليونلىغان ماشىنا ۋە ئادەملەردىن چىقىۋاتقان سېسىق پۇراقلارغا شۇنچە كۆنۈپ كەتتمۇ؟ مەھەللىسىنىڭ ساپ ھاۋاسىنى نېمىشقا سېغىنمايدۇ؟ زېكىشلىك سالوندا تېلېۋىزور كۆرۈپ، بېزەڭ خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرغان زۆھرەنىڭ كاللىسىدا نەچچە يۈز قاناللىق ئېكراندىنمۇ ئاجايىپ، مۇشۇ شەھەردىنمۇ چوڭ دۇنيا سىغىپ كەتكەنىدى، كۆرەتتى، ئويلايتتى، خىيال دۇنياسىدا چۆگىلەيتتى، بىر باشقا چىقالمايتتى...

  • زۆھرە بىر چاغلاردىكى قەدىناسلىرىنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن مۇھەببەتتىنمۇ، دۈشمەنلىكتىنمۇ ئايرىلىپ قالغاندەك، ئىلگىرى گويا ھېچ ئىش بولۇپ باقمىغاندەك، ھاياتىدا ئەمدى نېرۋىسىغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان ئىشلار بولمايدىغاندەك، تۇرمۇشىنى ئۆز رايى بويىچە يەڭگىل ئۆتكۈزىدىغاندەك تۇيغۇلارغا كەلدى. ئەمما خىيالى يەنە تىنجىمايتتى، ھاياتىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىماي تۇرالمايتتى، كەلگۈسىنىڭ تۈز سىزىق بويلاپ ئوڭۇشلۇق، پارلاق داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمايتتى، باشقىلاردىن كېلىدىغان دۈشمەنلىك تۈگىگەن بىلەن غەم-قايغۇنىڭ دۈشمەنلىكى تۈگىمەيتتى، بەلكى ئاللىكىملەر، ئاللىقانداق ئىشلار ئادەمنى غەم-قايغۇغا سېلىپ تۇراتتى، بەلكى يەنە باشقىلار، بەلكىم ئەڭ يېقىن كىشىلەر دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىپ، دەرد ئۈستىگە دەرد قوشاتتى.

  • ئۇ ئۆيدىكى قىزغا تېلېفون قىلىپ، تاكسىدىن بىرنى توسۇپ كېلىشنى ئېيتتى؛ ياسىنىشتىن، ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان دۆت قىز بۇ يەرنى ئىككى سائەتتە ئاران تېپىپ كەلدى. بۇ ئىككى سائەت ئىچىدە ئادىلە كېسەل ۋەھىمىسىگە چۆكۈپ، شۇ ۋەھىمىدىنلا ئۆلۈپ قالاي دېدى. ئۇ پەقەت يول ماڭالمىغاچقا دۆت قىز ئۇنى يۈدۈپ مىڭ تەستە تاكسىغا ئېلىپ چىقتى. ئادىلە ئۆيىگە كىرىپ شۇ ياتقانچە ياتتى، قول ئاستىدىكى قىزلىرى دەسلەپتە بىر ئىككى كۈن ھالىدىن خەۋەر ئالغان بىلەن كېيىن ئانچە كارى بولمايدىغان بولدى، بىر يېشىك تەييار چۆپنى ئۆيگە ئەكېلىپ قويۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئادىلەنى باقتى. ئادىلە ئۇلارنىمۇ چۈشەندى، ھەتتا ئۇلار ئۆيگە خېرىدار باشلاپ كىرىپ ئادىلەگە قارىتىپ قويۇپ پەسكەش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغاندىمۇ ئادىلە ئۇنى قوبۇل قىلدى، ئۇلارمۇ پۇل تاپمىسا، پۇل خەجلىمىسە بولمايتتى، ئۇلارنىڭ جىسمى، «دۇكىنى» پۇل بىلەن ئۆرە تۇراتتى.

  • چوڭ، ئازادە شەھەركەن، مەن تېخى ئادەملىرى يولدا پاتماي ماڭىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئۇنچىلىكمۇ ئەمەسكەن. جۇڭگوغا كەلمەستىلا بۇ دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىياللارنى توردىن ئاختۇرۇپ كۆردۈم، بېيجىڭمۇ تارىخى ئۇزۇن شەھەر ئىكەن، بېيجىڭدا بۇنچە كۆپ مەسچىت ۋە چېركاۋنىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بۇ چوڭ دۆلەتتە ھەممە دىن بار ئىكەن، ئېتىقادتا ئەركىن ئىكەن، دىنلار بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشمايدىكەن، بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ سىغىشىپ ياشىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ...

  • ئەرگە تەگكەننىڭ خاسىيىتىمىكىن، ھۈسەيىن سىيىت قارىنى كۆرگەندىن باشلاپ زۆھرەگە بۇرۇنقىدەك يامان غەرەز دە كۆز تاشلىمايدىغان بولدى، زۆھرە ئىشقا كەلسە بۇرۇنقىدەك تولا چاقىرىپ كەتمەيتتى، مۇھىم ئىش بولمىسا ئىشقا بۇيرۇمايتتى، چىرايىنى ئۆزگەرتمەيتتى، گەپنى ئاز قىلاتتى. زۆھرە ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىپ بولالمىدى، ياكى بۇ ھالغا كارى يوق يۈرەلمىدى، ئىچى سىقىلىپلا تۇراتتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ھەر كۈنى شۇنداق سوغۇق، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلسا، مائاشىنى خاتىرجەم ئېلىپ ياشىسا بولۇۋېرەتتى. نېمىشقا ئەمدى تۇرۇپلا ئۇنىڭ قىزغىن ۋە چەكتىن ئاشقان مۇئامىلىسىنى ئەسلەپ «سېغىنىپ» قالدى؟

  • بۇ قارىمنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆڭلىدە دەپ بولغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان جامائەت بىر-بىرىگە قارىشىپ كۇسۇلدىشىپ كەتتى، ئەمما بىرەرسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قارشى چىقالمىدى. نامازدىن تاراپ چىققانلىرىدا بولسا « ئاران تۇرغاندەك ئەجەب دەۋالدىيا، ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن تەبلىغدىن چەتنەپ كەتتىيا... خوتۇنىغا كۈچى يەتمىسە بىزگە كۈچى يېتەمدىكىنا... خوتۇنىغا دېيەلمىگەن گەپلىرىنى بىزگە دەمدىكىنا... ئىشىنى قىلسىنا...» دەپ غۇدۇراشتى، ئەمما سىيىت قارىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەرگىز خاتا دېيەلمەيتتى، قايىل بولمايدىغان يەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالمايتتى. جامائەت دېگەن بويسۇنغۇچى، ئىمامنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلماي بولامدۇ؟

  • جامائەت سىيىت قارىنىڭ ھەسرىتىنى بىلمەيتتى، خوتۇنىنى ئۈچ-تۆت كۈن خوتۇن قىلىپلا بۇنداق ھىجران، سېغىنىش ئازابىغا قالغانلار تولىمۇ ئاز ئىدى. سىيىت قارى جامائەتكە ئۆزى ھەققىدە باياننامە جاكارلاشنى، ئۆسەك گەپلەرنى بېسىقتۇرۇشنى قانچە قېتىم ئويلىغان بولسىمۇ مۇۋاپىق پۇرسەت تاپالمىدى، جۈمە كۈنىدىن باشقا ۋاقىتتا جىق گەپ قىلغىلى بولمايتتى. رامىزاننىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنى باش ئىمامنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ رۇخسەت سورىدى، ئىماملىق سىيىت قارىغا ئوڭچە قالدى. بۇ كۈندىكى تەبلىغ «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» ھەققىدە بولاتتى. سىيىت قارى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ۋەز سۆزلەشكە باشلىدى، بۇرۇنقىدەك تەمكىن ھالىتىنى ساقلىدى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى رولىنى سۆزلەپ بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ئائىلە، نىكاھ ھەققىدە توختالدى.

  • خوتۇنىنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ۋاقىتنى دېيەلمىگەن سىيىت قارى خىجالەتتە قالدى، دېمەك، ئېرى خوتۇنىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە ئەمەس، خوتۇنى قاچان كەلگۈسى كەلسە شۇ چاغدا كېلىدۇ؛ كاللىسى قايسا تېخى كەلمەيلا قويىدۇ. سىيىت قارى ئەنسىزلىككە چۆمدى، زۆھرەگە ھەر قانچە ئىشەنسىمۇ، خوتۇن كىشىنىڭ شەيتانغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارمايتتى، «مىڭ بىر كېچە» دە پادىشاھنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئامراق خوتۇنىمۇ بىر قارا زەنگىگە بۇزۇلغان ئەمەسمۇ؟! شۇڭا خوتۇن كىشىگە ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك كېرەك؛ خوتۇنىدىن بىر ئاي ئەمەس، بىر ھەپتە ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ مۇئامىلە-خۇلقلىرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش كېرەك.

  • ئۇ قاۋاقخانا كوچىلىرىدا يۈرۈپ بىر قېتىم خالىدنىڭ نەزىرىگە ئىلىنىپ قالدى، خالىد ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك ھېس قىلدى، لېكىن ئەسلىيەلمىدى، ئۇنى زۆھرەنىڭ نومۇسىغا تېگىمەن دەپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ئۆيگە، شۇ كارىۋاتقا ئېلىپ چىقىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزدى. ئادەم تاللىماي نومۇسىنى سېتىپ يۈرگەن ئادىلە مۇشۇنداق پاھىشىۋاز چەت ئەللىكلەر بىلەن قايتا بىرگە بولۇپ قالغاندا، «ئىززەت-ھۆرمىتى» قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىپ، بىچارىلەرچە پەخىرلىنىپ، ئۇلارغا ئىنگلىزچە گەپ قىلىپ كېتەتتى. ئۇ خالىد بىلەن گەپلەشكۈسى بولسىمۇ خالىد ئۇنىڭغا گەپ قىلىشنى خالىمىدى، ئۆزىنى تونۇشتۇرماق تۈگۈل، ئىسمىنى بىلدۈرۈشنىمۇ خالىمىدى.

  • ئادەتتە كۆپىنچە ئېغىر ئاغرىقلار يېرىم كېچىدە، سائەتتىن ئۈچ-تۆتلەردىن ئاشقاندا قازا قىلاتتى، ئادىلەنىڭ دادىسى زاۋال چۈشكەندە قازا قىلدى، بالىلىرىنىڭ جەڭگى-جېدەللىرىگە شاھىت بولۇپ، كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولۇپ، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتىپ، تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ، بۇ ئالەمدىن كەتتى. ئادىلەنىڭ ئاكىسى ئۆزىنى ئەيبكار، ئادىلەنى بولسا جىنايەتكار ھېسابلىدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە جامائەت يىغىلىپ، مېيىتنى دەپنە قىلدى. ئادىلەنىڭ ئاكىسىنىڭ كۆز يېشى قۇرىمىدى، تۇپراق بېشىدىن ئۆيگە كېلىپ ئاپىسىغا تەسەللى بەردى. ئانا-بالا بىر دەم يىغلىشىپ دەرد تۆكتى.

  • ئادىلە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئايرىلىپ كەتكەن يۇرتىغا، قەدىناس ئائىلىسىگە كېلىپ، ئۆزىنى خۇددى ئامېرىكىدىن كېلىپ قالغان چەت ئەللىكتەك يات، ئالاھىدە ھېس قىلدى، ئالدىغا چىققان مەنزىرە، چىرايلار ئۇنچە ئىللىق كۆرۈنمىدى. ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتمىدى، بەلكى ھەممە ئادەمگە ئىچ ئاغرىتتى. دوختۇرخانىغا بېرىپ دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، دوختۇرخانىغا كەتكەن پۇلنى ئاڭلاپ، ئېسىلغان ۋە ئۇرۇلۇۋاتقان قىممەت باھالىق ئوكۇللارغا قاراپ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادتا چېكىنىپ، تۇرمۇشىنىڭ خاراب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۆزىنىڭ بۇلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، شۇنداقتىمۇ ئاپىسىنىڭ قولىغا نومۇس كۈچىدىن ئاران مىڭ يۈەن تۇتقۇزالىدى، قىزىنىڭ بېيجىڭدا شۇنچە ۋاقىت سوكۇلداپ ئۇدۇل تاپقىنىنى ئۇدۇل خەجلەپ ئاران مۇشۇنچىلىك پۇلنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى بىلمىگەن ئاپىسى ئۇنىڭ ئىنساۋىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.

  • ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرۇۋېرىش زۆھرەنى زېرىكتۈرۈشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيتتى. ياخشى كۆرگەن خوتۇنىغا ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلغىلى بولمىسا، ھە دېسە غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىسا... بۇ نېمە كۈن؟ شۇنچە جامائەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ياش قارىم ئەمدى بىر خوتۇننىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ ئولتۇرامدۇ؟! ئىماملىقنى، موللىلىقنى جامائەتكە قىلىش، نەسىھەتنى ئاڭلايدىغان ئادەمگە قىلىش، ئەھلى ئىلىم سالاھىيىتى بىلەن جامائەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشىش شەرەپلىك ئىش ئەمەسمۇ! قارىم، موللا دېگەن جامائەتتىن ئايرىلسا زادى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس. تاشنىمۇ ساتالمىدى، زۆھرە كۈتكەن ئامەت بايلىقلىرىغا ئەسلا ئېرىشەلمىدى. زۆھرەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىگە ئېرىشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدى، ھەتتا كۆڭلىگە ئازار بەردى. ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرغىدەك يۈزى قالمىدى، كېچىلىك تۇرمۇشنىڭ مېھرىدىن كەچمىسە بولمايدىغان يەرگە يەتتى، دېمىسىمۇ، ئەر-خوتۇنلۇق ھايات دېگەن كېچىلىك تۇرمۇشلا ئەمەس-تە!

  • زۆھرە يېقىمسىز كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى سىيىت قارىنىڭ كۆزىگە شۇنچىلىك سىغمىدىكى، ھۈسەيىن بولمىغان بولسا ئۇنىڭغا بىر مۇنچە قاتتىق گەپلەرنى دەۋەتكەن بولاتتى. زۆھرە تاماق ئېتىپ تۇرغانىدى، ئۈچەيلەن كۆڭۈلسىز بىر كەيپىياتتا غىزالاندى. ھۈسەيىن سىيىت قارى بىلەن بىر نەچچە ئېغىز ئەرەبچە پاراڭلاشتى، سىيىت قارىنىڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ جۇڭگودا قانچە ئىسلام ئىنستىتۇتى، قانچە ئوقۇغۇچى بارلىقىنى سورىدى. سىيىت قارى بىلگىنىچە جاۋاب بېرىپ ئولتۇردى. غىزالىنىش ئارىلىقىدا زۆھرە ھېلى ئاشخانىغا، ھېلى جوزىغا يۈگۈرۈپ پايپېتەك بولدى، ھۈسەيىنگە چاي قۇيۇپ ھارمىدى. ئەمما ھۈسەيىن ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىر بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى، سۆزىگە جاۋاب بەرمىدى. يەيدىغىنىنى يەپ بولۇپ خوشلىشىپ كەتتى. ئۇ كېتىپلا ئۆيدە بىر جىددىيلىك، بۇرۇقتۇرما كەيپىيات پەيدا بولدى.

  • سىيىت قارى زۆھرە تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ھېچ نەرسىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ ئويلىمايتتى، زۆھرەنىڭ مۇئامىلىسى ھەر قانچە ئىللىق بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنى مېھمانخانىنىڭ ياتاقلىرىدا تۇرغاندەكمۇ ئازادە ھېس قىلالمايتتى؛ ئەتىگەندە چېيىنى ئىچىپ بولسا پەنجيايۈەنگە كېتىپ تونۇش تاشچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ پاراڭلىشاتتى، ئۇلار سىيىت قارىغا پايدىلىق ئۇچۇر بەرمىسىمۇ، ئۇنى ئىشەنچلىك قارىم ھېسابلاپ كۆڭلىدىكى بەزى گەپلىرىنى دەيتتى، ئۇچرىغان مەسىلىلەرگە پەتىۋا سورايتتى. ئۇلار يەنە تاشچىلارنىڭ ئاجايىپ ھېكايىلىرىنى سۆزلىشەتتى، كىملەرنىڭ مىليون-مىليون پۇلغا تاش ساتقانلىقى، كىملەرنىڭ قوشلاپ خوتۇن ئالغانلىقى، كىملەرنىڭ رۇس سەتەڭلىرى توپلاشقان ياباۋلۇدا ئېتىبار باھانى قايرىپ قويۇپ ئوينايدىغانلىقى، كىملەرنىڭ مىليون يۈەنلىك ئېسىل ماشىنىلارنى ئېلىپ بېيجىڭدا ھەيدەپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالسا پۇل دېگەننى ساقچىنىڭ يۈزىگە چېچىپ قويۇپ كېتىۋېرىدىغانلىقى... ھەققىدە زوقلىنىپ پاراڭ قىلىشاتتى.